د[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ توققۇزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن توققۇزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«د» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى ۋە بېشىدىن كېلىدىغان شەكلى «د»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىد»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «دې».[CRLF]«د» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تۈۋى تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتىلىغۇچى تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.[CRLF][CRLF]«د» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى[CRLF][CRLF]چەت تىللاردىن قوبۇل!قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەر يەككە ھالىتىدە ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا تەلەپپۇزدا «ت» ئېيتىلىدۇ، سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا ئەسلىگە قايتىپ «د» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مۇنداق سۆزلەر تۈرلەنمەي تۇرغان ھالەتتە بولسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلار باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغان ھالەتتە بولسۇن، ئاخىرىدىكى تاۋۇشى ئەسلىدىكىسى بويىچە «د» يېزىلىدۇ، لېكىن «ت» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى[CRLF]ئەۋلاد ئەۋلادتىن ئەۋلات[CRLF]ئىقتىساد ئىقتىسادچان ئىقتىسات[CRLF]تەنقىد تەنقىدى تەنقىدى