UyghurMain Dictionary
خارەزم پادىشاھلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام دۆلىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان. ئۇنى سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ خارەزمدىكى باش ۋالىسى ئەنۇشتىگىن (1077 - يىلىدىن 1097 - يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن) نىڭ ئوغلى فۇتبىددىن مۇھەممەد (1099 - يىلىدىن 7112 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋرىسلىق قىلغاندىن كېيىن، خارەزم شاھى (سۇلتانى) بولسىمۇ، لېكىن سالجۇقىيلار سۇلالىسىغا بېقىندى. ئىل ئارسىلان (1156 - يىلىدىن 1172 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سالجۇقىيلار سۇلالىسى يىمىرىلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل سۇلالە قۇردى. ئۆرگەنچنى مەركىزىي شەھەر قىلدى. ئۇنىڭ ئوغلى تەكەش (7211 - يىلىدىن 1200 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، قاراقىتان قوشۇنىنى قوغلىۋېتىپ، پرسىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىشغال قىلدى. 1194 - يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ناسىر (1880 - يىلىدىن 1225 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەلىپى بىلەن ئىراق سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى تۇغرىل 2 (1177 - يىلى 1225 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە باغداتقا كىرىشكە تەييارلاندى. ئەلائىددىن مۇھەممەد (1200 - يىلىدىن 1220 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە دۆلەت كۈچىيىپ، ماۋەرائۇننەھر بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. ئافغانىستان ۋە پرسىيىنىڭ كۆپ قىسمى ئىشغال قىلىنىپ، ئابباسىيلار سۇلالىنى ئاغدرۇۋرېتىپ، شىئە مەزھىپىدىكى خەلىپە سۇلالىسى قۇرۇش پىلانلاندى. موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكتىن بۇ ئىش نەتىجىسىز قالدى. چىنگىزخان 1220 - يىلى موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ خارەزمگە ھۇجۇم قىلدى. ئەلائىددىن مۇھەممەد قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى جالالىددىن (1220 - يىلىدىن 1231 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قوشۇن باشلاپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، يېڭىلگەندىن كېيىن ھىندىستانغا چېكىندى، شۇنىڭ بىلەن خارەزم سۇلالىسى يوقالدى.