UyghurMain Dictionary
خارەزمى دىنىي كېڭىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى خەلىپىنى تىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق دىنىي كېڭەش كۆزدە تۇتلىدۇ. خارەزم دۆلىتى پرسىيىنىڭ شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان سالجۇقىيلارنىڭ يەرلىك خاندانلىقىنى
13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەغلۇپ قىلىپ، باغداتتىكى ئابباسىيلار سۇلالىسىغا بىۋاستە تەھدىت سالدى. ئابباسىيلار سۇلالىسى بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن، خارەزم پادىشاھى ئالا ئىددىن مۇھەممەد (1200 - يىلىدىن 1220 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) 1217 - يىلى كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ھەزرىتى ئەلى ئەۋلادىنىڭ خەلىپە بولۇش لاياقىتىگە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى مەسىلىسىنى مەسلىھەتلەشتى. كېڭەش ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ناسىر (1180 - يىلىدىن 1225 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى). نى <ئەمەلدىن قالدۇرۇپ>، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادى ئەلا مۇلكنى يېڭى خەلىپە قىلىشنى جاكارلىدى. كېڭەشتىن كېيىن، چوڭ قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ خەلىپىنى باغداتتا تەختكە چىقىرىش ئۈچۈن قوغداپ ماڭدى. كوردىستان (ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالىي) غا كەلگەندە قاتتىق جۇدۇن بولۇپ كېتىپ ئارقىغا قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ، كېلەر يىلى يولغا چىقىشنى نىيەت قىلدى. كېيىن ئىراننىڭ شىمالىدىكى ئوغۇز قەبىلىسى غەليان كۆتۈرگەنلىكى ۋە موڭغۇللارنىڭ غەربكە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سەپەر توختاپ قالدى.