UyghurMain Dictionary
خارنېي
دۇنيا تارىخى
(1817 - 1897) ئەنگلىيە خارتىستلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ماتروس ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.مەتبەئە ئىشچىسى، مۇخبىر بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئەنگلىيە خارتىستلار ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، ھەرىكەتنىڭ سول قانىتى، يەنى <زوراۋانچىلار> نىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئىشچىلار ئۆزىنىڭ كۈرىشىگە تايىنىپ ئازادلىققا ئېرىشىشى كېرەك؛ خەلقنى قوراللاندۇرغاندىلا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. 40-يىللارنىڭ بېشىا ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن يېقىنلاشقان، دېموكراتى بۇرادەرلەر جەئىيىتىنى تەشكىللىگەن، شۇنىڭدەك كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. لېكىن توغرا نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن مەھرۇم بولغاچقا دائىم تەۋەرىنىپ تۇرغان. 50-يىللاردىن باشلاپ بىر مەزگىل بۇرژۇئازىيە خەير - ساخاۋەت ھەمكارلىق ھەرىكىتىنى قوللىغان. 1869-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان.