Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋلادىسلاۋ
دۇنيا تارىخى
弗拉基斯拉沃夫
fú lā jī sī lā wò fū
(1739 - 1813) بۇلغارىيىلىك ئېپىسكوپ، ئالىم. كوتېل شەھىرىدە تۇغۇلغان. يۇرتىدا كۆپ يىل پوپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1765 - يىلى كوتېلدا پائىسىي بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن تۈركىيە دائىرىلىرى ۋە يۇنان ئارخېئېپىسكوپىنىڭ زىيانكەشلىكى ئارقىسىدا، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇلغارىيىنىڭ شىمالغا كۆچۈپ كەلگەن. 1794 - يىلى ۋاراچانىسكېيدىن رايونىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، پۈتكۈل رايوننى ئايلىنىپ، مۇرىتلىرىغا بۇلغار تىلىدا دىن ئەقىدىلىرىنى چۈشەندۈرگەن. 1803 - يىلى قولغا ئېلىنشىتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇخارېستقا كۆچۈپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. <گۇناھكار سوفرونىيىسنىڭ ھاياتى ۋە تارتقان جەبىر - زۇلۇملىرى> (سوفرونىيس ئۇنىڭ موناخ بولغان مەزگىلدىكى ئىسمى) دېگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلق ۋە ئاپتورنىڭ تۈركىيە فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن، شۇڭا، ئۇ مۇھىم ئەدەبىي ۋە تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا تارىخى
弗拉第斯拉夫四世
fú lā dì sī lā fū sì shì
(1595 - 1648). پولشا كورۇلى (1632 - 1648). سىگىزمۇند Ⅲ نىڭ ئوغلى. 1610 - يىلى 8 - ئايدا، سىگىزمۇند Ⅲ بىلەن روسىيە ئاقسۆڭەكلىرى تۈزگەن شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە چار كورۇلى دەپ ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىنلا پولشا ئارمىيىسى موسكۋانى ئىگىلىگەن. 1612 - يىلى موسكۋا روسىيە پىدائىيلار قوشۇنى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان. 1617 - يىلى ۋلادىسلاۋ Ⅳ روسىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئىككىنچى يىلى چار كورۇل مىخائىل رومانوۋ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەن. 1632 - يىلى پولشانىڭ كورۇللۇق تاجىنى كىيگەن. 1634 - يىلى روسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە بولغان تەلىپىدىن ۋاز كەچكەن.
دۇنيا تارىخى
弗拉第斯拉夫三世
fú lā dì sī lā fū sān shì
(1424 - 1444) پولشا كورۇلى (1434 - 1444)، ۋېنگرىيە كورۇلى (1440 - 1444)، ياگەيلونىڭ ئوغلى. ياش - قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن، كراكوۋ ئېپىسكوپى زىگنېۋ ئولىسنىسكى مۇۋەققەت نائىب بولغان. 1443 - يىلى ۋېنگرىيە گېنېرالى ھۇنيادى بىلەن بىللە پولشا - ۋېنگرىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ نى مەغلۇپ قىلغان. 1444 - يىلى 7 - ئايدا، ئىككى تەرەپ ئون يىللىق سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، تۈركىيە سېربىيە، ئالبانىيە ۋە ئىشغال قىلىۋالغان ۋېنگرىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇزاققا قالماي ئۇرۇش يەنە كۆتۈرۈلەەن. شۇ يىلى 11 - ئايدىكى ۋارنا جېڭىدە، ۋېنگرىيە بىلەن ۋالاخىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى مۇراد Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئۇ مۇشۇ جەڭدە ھالاك بولغان.
دۇنيا تارىخى
弗拉第斯拉夫一世
fú lā dì sī lā fū yí shì
(1) ۋلادىسلاۋ ھېرمان Ⅰ (1040 - 1102). پولشا كورۇلى (1079 - 1102). تەختتىكى مەزگىلدە، پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ كېتىپ، فېئوداللىق ئاقسۆڭەكلەر خالىغانچە زومىگەرلىك قىلغان. 1097 - يىلى دۆلەت زېمىنىنى ئوغلى زېگنېۋ ۋە بولېسلاۋ (يەنى كېيىنكى بولېسلاۋ Ⅲ) غا بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان، ئالدىنقىسى بۈيۈك پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدا) ۋە مازوۋىيە (ۋىسلا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم رايونىدا) گە ئىگە بولغان. كېيىنكىسى سىلېزىيە ۋە كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا) غا ئىگە بولغان. (2) ۋلادىسلاۋ Ⅰ لۇكېتېك (1260 - 1333). پولشا كورۇلى (1320 - 1333). 1275 - يىلى كۇجاۋى (پولشانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) غا كىنەز بولغان. كېيىن ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋ بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرىگە تايىنىپ، كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا)، پومورزې ۋە بۈيۈك پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەرب قىسمىدا) نى قوشۇۋالغان. 1310 - ۋە 1311 - 1312 - يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پوزنان ۋە كراكوۋتىكى نىمىس شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى قوزغىغان توپىلاڭنى تىنچىتقان. 1327 - 1332 - يىللىرى ۋېنگرىيە ۋە لىتۋا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، تېئۇتون رىتسارلار پولكىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ھەمدە 1331 - يىلى پلوۋسې جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
دۇنيا تارىخى
弗拉第斯拉夫二世
fú lā dì sī lā fū èr shì
(1) لىتۋا كىنەزى، پولشا كورۇلى، <ياگايلو> غا قارالسۇن. (2) ۋلادىسلاۋ Ⅱ ياگېلونىسكى (1456 - 1516) چېخ كورۇلى (1471 - 1516)، ۋېنگرىيە كورۇلى (1490 - 1516). پولشا كورۇلى كازىمىر Ⅵ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلدە، 1500 - يىلى <ۋلادىسلاۋ قانۇنى> نى ئېلان قىلىپ، چېخ ئاقسۆڭەكلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىمتىيازلارنى مۇستەھكەملىگەن؛ ۋېنگرىيە ھاكىمىيىتى مۇشۇ دۆلەتنى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، كورۇل ھوقۇقى ئاجىزلاپ كەتكەن، 1514 - يىلى گېئورگىي دوزا قوزغىلىڭى پارتلىغان.