Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋلادىمىر مونومناخ
دۇنيا تارىخى
弗拉基米尔.摩诺马赫
fú lā jī mǐ ěr .mó nuò mǎ hè
(1053 - 1123) كىيېۋرۇس كىنەزى (1113 - 1125). ئەسلى پېرېياسلاۋنىڭ كىنەزى بولغان. باتۇر ۋە قورقماسلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پولوۋىسلارنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قلغان، 1113 - يىلى، كىنەز سۋياتو پولك (1093 - 1113) ئۆلگەندىن كېيىن، كىيېۋ شەھەر ئاھالىسى شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، كىيېۋ فېئوداللىرى ۋە مۈلۈكدارلار ئۇنى كىيېۋرۇسنىڭ كىنەزى قىلىپ تىكلەپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. يەنە يېڭى قوزغىلاڭلارنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال <ئۆسۈم قانۇنى> ۋە <قەرزدار دېھقانلار نىزامى> نى جاكارلاپ، ئاساسەن فېئوداللار ۋە جازانىخورلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان، لېكىن قەرزدار دېھقانلارنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئۆسۈمىگە ئازراق چەك قويغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، بەگلىكلەرن ئىتائەتمەن بولۇشقا مەجبۇرلاپ، كىيېۋرۇسنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كىنەزنىڭ ئورنىنى كۈچەيتكەن ھەمدە ئەتراپىدىكى جايلار (مىنىسك، ۋولن) نى قوشۇۋالغان. سىرتقى جەھەتتە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى نىزاسىغا ئارىلاشقان، قوشۇنى دۇناي دەرياسىغىچە بارغان، ۋىزانتىيە ۋە گېرمان خان قەمەتى بىلەن قۇدا بولۇشقان، <پەرزەنتكە نەسىھەت> دېگەن كىتابىنى يېزىپ، ئۆز خىيالىدىكى كىنەزنىڭ ئوبرازىنى ۋە ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلىگەن