Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋلادىمىر سۇياتوسلاۋىچ
دۇنيا تارىخى
弗拉基米尔.斯维雅托斯拉维奇
fú lā jī mǐ ěr .sī wéi yǎ tuō sī lā wéi qí
(؟ - 1015) نوۋگورود كىنەزى (970 - 978، يەنە بىر ئېيتىلىشتا 970 - 980) ۋە كىيېۋرۇس كىنەزى (978 - 1015، يەنە بىر ئېيتىلىشتا 980 - 1015)، سۋياتوسلاۋ ئىگورېۋىچنىڭ ئوغلى، دادىسى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت زېمىنىنى ئۈچ ئوغلىنىڭ بۆلۈپ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان. ۋلادىمىر نوۋگورودنى باشقۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئىچكى ماجىرا تۇغۇلۇپ، ئۇ قېرىنداشلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىيېۋروسنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىپ، زېمىننى داۋاملىق كېڭەيتىپ، گالىچنى قوشۇۋالغان ھەمدە پولشا بىلەن لىتۋانى مەغلۇپ قىلغان. پېچېنەكلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جەنۇبىي چېگرىدا ئەسكەر تۇرغۇزغان، كىيېۋ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغىمۇ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى ياساتقۇزغان. مىلادى 987 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغاندا، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق تۈزگەن، ۋىزانتىيە كورۇلى باسىل Ⅱ ئۇنىڭغا خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىش ھېسابىغا ئۆزىنىڭ بىر تۇغقان سىڭلىسى ئاننانى ياتلىق قىلغان. تەخمىنەن 988 - يىلى خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلاپ، بارلىق رۇسلارنى دىنغا كىرىشكە بۇيرۇق قىلغان، خرىستىئان دىنىنىڭ كىرىشى كىيېۋرۇسنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە فېئوداللىق مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، كىيېۋرۇس بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن.