UyghurMain Dictionary
تېمۇر ئىمپېرىيىسى
تارىختىكى ئىمپېرىيلەر
13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل ئاقسۆڭىكى تېمۇچىن (چىڭگىزخان) موڭغۇل خانىدانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئاتلىق ئەسكىرىگە تايىنىپ، غەربكە ئۈزلۈكسىز كېڭەيمىچىلىك قىلدى. كېيىن موڭغۇللار غەربتە چاغاتاي خانلىقى، ئوگىداي خانلىقى، ئىلىكخان خانلىقى ۋە قىپچاق خانلىقىنى قۇردى.14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۆت خانلىقنىڭ بىرى بولغان چاغاتاي خانلىقى شەرقىي قىسىم ۋە غەربىي قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.1369 - يىلى غەربىي چاغاتاي موڭغۇل ئاقسۆڭىكى تېمۇر ئۆز سۇلتانىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ پۈتكۈل ئىراننى ئىشغال قىلىپ، تېمۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇردى.
تېمۇر يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە كىشى ئىدى، ئۇ بوۋىسى چىڭگىزخاننىڭ قەھرىمانلىق ئىزىنى بېسىپ، «بۈيۈك ئىمپېرىيە» قۇرماقچى بولدى. ئۇ خانلىق تەختتە ئولتۇرغان30 نەچچە يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئىككى موڭغۇل خانلىقى − ئىلىكخان خانلىقى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولدى.1398 - يىلى تېمۇر قوشۇن باشلاپ ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ، دېھلىنى ئىگىلىدى ھەمدە تەسلىم بولغان ئاھالىلەرنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلدى.1402 - يىلى ئۇ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەتتا يىراقتىكى جۇڭگونىمۇ بويسۇندۇرماقچى بولدى،1405 - يىلى تېمۇر كېسەل سەۋەبىدىن قوشۇندا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەۋلادلىرىغا «ئۇلۇغ ئىمپېرىيە» نى قالدۇرالمايلا قالماستىن، تارىختىمۇ بىرەر تىلغا ئالغۇدەك ئىز قالدۇرالمىدى. تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى تەگكەنلا جاي بىر پارچە قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتتى.
تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ، كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.1500 - يىلى شىمالدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كۆچمەن چارۋىچى ئۆزبېكلەر تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى، ئىمپېرىيە ھالاك بولدى. تېمۇرنىڭ ئەۋلادى بابۇر جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ، ھىندىستاندا موغۇل خانلىقىنى قۇردى.
دۇنيا تارىخى
تېمۇر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراندا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ئىمپېرىيە گۈللەنگەن مەزگىللەردە زېمىنى غەربتە ئېفرات دەرياسىغىچە، شەرقتە سىر دەرياسى ۋە ھىندىستاننىڭ دېھلىغىچە، شىمالدا كاپكازغىچە، جەنۇبتا پارس قولتۇقىغىچە يەتكەن بولۇپ، سەمەرقەند پايتەخت قىلىنغان. تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن، ئىچكى نىزا ۋە تۈركمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن غەربىي قىسمىدىكى زېمىنىنىڭ كۆپى قولدىن كەتكەن. شاھرۇخ مىرزا تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە پايتەختنى ھېراتقا كۆچۈرگەن. 1449-يىلى ئۇلۇغبەگ ئۆزىنىڭ ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇش يەنە قوغالغان. كېيىن ئىمپېرىيە ھېرات بىلەن سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكلەر بېسىپ كىرگەن. سەمەرقەند بىلەن ھېرات ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1500-يىلى ۋە 1507-يىلى ئىشغال قىلىۋېلىنغان، ئىمپېرىيە مۇنەرز بولغان. ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، ھۆكۈمرانلارنىڭ تەشەببۇس ۋە قوغدىشى ئارقىسىدا، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، رەسساملىق، بىنكارالىق، تارىخچىلىق ۋە ئىلىم - پەن قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردە ئىنتايىن گۈللەنگەن. سەمەرقەند بىلەن ھېرات ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.