UyghurMain Dictionary
تېمىپو قەھەتچىلىكى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە تېمىپو يىللىرىدىكى چوڭ قەھەتچىلىك. 1833-يىلى (تېمىپونىڭ 4-يىلى) ياپونىيىدىكى ھونشونىڭ شىمالىدا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. كانتو رايونى بوران - چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك ھوسۇل كېمىيىپ كەتكەن. ئۇدا ئىككى يىل جۇت يىل بولۇپ، 1936-يىلىمۇ قەھەتچىلىك بولغان. شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئۆلگۈچىلەر نەچچە يۈز مىڭغا يېتىپ، دېھقانلار قەھەتچىلىكتىن قېچىپ، ھەممىلا يەرگە بالىلار تاشلىنىپ، يول بويلىرى ئۆلۈكلەرگە تولۇپ كەتكەن. توكۇگاۋا شوگناتى ۋە ھەر قايسى ۋاسساللىقلارنىڭ قۇتقۇزۇشقا مادارى كەلمەي قالغان. 1837-يىلى ئوساكادا ئويۋا سانېپاكرو قوزغىلىڭى پارتلاپ، ھەرقايسى جايلار كەينى - كەينىدىن توپىلاڭ كۆتۈرگەن. شوگنات ھاكىمىيىتى دەرىجىي تەۋرىنىپ قالغان.