UyghurMain Dictionary
تېمستوكىل
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 528 - 462) قەدىمكى ئافىنا سىياسىيونى، قوماندانى. داڭدار ئائىلىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 493 - 492 تۇنجى قېتىم ھاكىم بولۇپ، پىرېييېۋس ھەربىي پوورتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى قارافون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن ھەر خىل دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، ھاكىمنى چەك تاشلاپ سايلاپ چىقىش (مىلادىدىن 784 يىل ئىلگىرى) نى بەلگىلەپ، ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىغا زەربە بەرگەن. مىلادىدىن 483 يىل ئىلگىرى ساپال پارچىسىغا ئىسمىنى يېزىپ سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنپ، سىياسىي رەقىبى ئارىستېرنى سۈرگۈن قىلغان. ئۈچ قاتار پالاقلىق ئۇرۇش كېمىسىدىن 100 نەچچىنى ياساپ، ئافىنانى دېڭىزدا كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا ئۆتكۈزگەن. مىلادىدىن 481 يىل ئىلگىرى كورىنفتا بىر قىسىم يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى (30 نەچچە) قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى كروس Ⅰ پرسىيە فلوتىنى باشلاپ، ئوتتۇرا يۇنانغا بېسىپ كىرگەندە، ئافىنا شەھىرىدىكى زور كۆپ سانلىق ئاھالىنىڭ چېكىنىشىگە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە سالامى دېڭىز ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئومۇميۈلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پېرسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئالدىراپ - تېنەپ چېكىنىشكە مەجبۇر قىلىپ، پۈتۈن يۇناندا نام - شۆھرەتكە ئىگە بولغان. تگخمىنەن مىلادىدىن 470 يىل ئىلگىرى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى (كىمون باشچىلىقىدىكى) نىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، سپارتانىڭ پېرسىيەپەرەس گېنېرالى پائۇسانى بىلەن چېتىلىشقلىقى بار دەپ قارىلىپ، ئاخىر <ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى> بىلەن سۈرگۈن قىلىنغان. ئارگوس، كوركىرا، ئېپىر قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بارغان. يەنە ئايلىنىپ يۈرۈپ پېرسىيە (مىلادىدىن 465 يىل ئىلگىرى) گە بارغان. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاكسبركس ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، يىللىق تۇرمۇش راسخوتى بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆلگەن (يەنە بىر ئېيتىلىشتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان).