UyghurMain Dictionary
تىلور قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تىلور خەلقىنىڭ فرانسىيە ۋە باۋرىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا قارشى قوزغىلىڭى. جەمئىي 2 قېتىم بولغان. (1) 1703 - يىلى 6-ئايدا، فرانسىيە، باۋارىيە قوشۇنى تىلورغا بېسىپ كىرگەن، يەرلىك ھۆكۈمەت تەسلىم بولغان، تىلور خەلقى دەرھال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەرگەن ھەمدە خەلققە قورال تارقىتىپ بېرىشنى، ۋەتەن ساتقۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنى، فېئوداللىق ئىمتىياز ۋە ئولپاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باج تۆلەش باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 7-ئايدا قوزغىلاڭچىلار دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ياردەمگە كەلگەن قىسىملىرىنى تارمار تارمار قىلغان. 8 ئايدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن دۈشمەن قوشۇنىنى تاكى باۋارىيە زېمىنىغىچە قوغلاپ بارغان. (2) 1809-يىلى فرانسىيە قوشۇنى بىلەن باۋارىيە قوشۇنى تىلورنى ئىشغال قىلىپ، شەپقەتسىز ھۆكۈمرانىق يۈرگۈزگەن. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، يەرلىك خەلق ئاندرى ھوپورنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار ئەپلىك جىلغا ۋە ئۆتكەل ئېغىزلىرىنى ئىگىلەپ، دۈشمەن قوشۇنىغا زەربە بەرگەن ھەمدە ئىننىسبرۇك ۋە پۈتكۈل تىلورنى ئازاد قىلىپ، دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. 9-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار فرانسىيە قوشۇنى ۋە باۋارىيە قوشۇنىنىڭ ياردەمگە كەلگەن قىسىملىرىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبتىن قىستاپ زەربە بېرىشى ئاستىدا، يەككە - يېگانە ھالدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان. 10-ئايدا باتۇرۇلغان.