UyghurMain Dictionary
تىلەمچى موناخلار جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
<تىلەمچى راھىبلار ئۆمىكى>، <قەلەندەر راھىبلار ئۆمىكى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پاپانىڭ يۆلىشى بىلەن قۇرۇلغان كاتولىك موناخلىرىنىڭ تەشكىلاتى. خۇسۇسي مۈلۈك ئىگىلىمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. جەمئىيەت ئەزالىرى ھەممە يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، <كەمبەغەللەر ئىنجىلى> دېگەننى تەشۋىق قىلىپ، خەلقتىن نامراتلىققا شۈكرى قىلىپ، پاپاغا سادىق بولۇپ، ئىنقىلابىي كۈرەشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا، ئەمەلىيەتتە، پاپانىڭ بىدئەت ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. لېكىن يۇقىرى تەبىقىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرى سوۋغا - سالاملارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئۇزاققا قالماي ناھايىتى كۆپ بايلىق توپلىۋالغان. ئۇنىڭ ئوردو فرانسىسكا نورۇم ۋە ئوردو دومىنكا نورۇم دېگەن ئاساسلىق مەزھەپلىرى بار.