UyghurMain Dictionary
تىلەمچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشلەردىن پۇل _ مال، نەرسە _ كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى.
« قەلەندەر »،« دىۋانە » لەرنى بەزى دىني كىتابلاردا خۇدا يولىدىكى « ئاشىق » دەپمۇ تەرىپلەيدۇ. « ئابدال » كۆپىنچە خاماندىن ئاشلىق تىلەيدۇ.
« تىجىمەل » باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇششاق _ چۈش
تىلەمچىنىڭ خالتىسى تۈۋى يوق ھاڭ. ئارزۇ ئەمەلىيەتكە بارۋەر بولسا، تىلەمچى ئاللىقاچان باي بولۇپ كېتەتتى.قەلەندەرنىڭ خۇرجۇنى توشماس. قەلەندەردىن قەلەندەرگە خەير يوق. دىۋانىگە نېپىز نان بەرسەڭ، « قېلىنىنى كىم ئالغان » دەر. ئىتنىڭ قاۋىغىنى بىكار، ھايان دىۋانىنىڭ. ئابدالغا كەپسەن بەرسەڭ، جىڭىڭ راستمۇ دەر. بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا. يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تېجىمەل تاباق بىلەن. تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچ فەقىر (يوقسۇل)، پارسچە دەرۋىش (تىلەمچى) دېيىلىدۇ. زاھىد دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. تەسەۋۋۇپ پىرقىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالار، يەنى تەسەۋۋۇپ تەلىماتى بويىچە ئىستىقامەت ئەمەللىرىنى تاماملىغان ئسىتىقامەتچىلەر شۇنداق دېيىلىدۇ. ئۇلار ئالاھىدە تون كىيىپ، تىلەمچىلىك قىلىش ۋە سەدىقە ئېلىشقا تايىنىپ جان باقىدۇ. ھاسا تۇتۇپ يۇرت كېزىپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ ھەمدە شەھەرلەردە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئىلىم - ھېكىمەتلىرىنى سۆزلەپ، ئىشەنگەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىلەردىن بىرەر نەرسە تىلەپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى كىشى.