UyghurMain Dictionary
تىجارەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاۋار ئالماشتۇرۇش، ئېلىش - سېتىشقا باغلىق مۇئامىلە.
دەسلەپكى سودىدىن يانما. سودا ساقال سىيپىغۇچە. سودىدا دوست يوق. تىجارەتنىڭ يېرىمى يالغانچىلىق. قازىئاخۇنۇم ئوقەتنىڭ كويىدا، قۇشناچىم پەردازنىڭ كويىدا. سودا - سېتىق پۇلدىن باشقىنى تونۇماس. ئالسات ئامانەتنى بىلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سودا - سېتىق.
تىجارەت دۇكىنى. تىجارەت كىنىشكىسى.
كۆچمە. پۇل تېپىش، مەنپەئەتكە ئېرىشىش بىلەن شۇغۇللىنىش.
دوختۇرلار كەچ كىرىشى بىلەنلا قارتا ئويناشقا چۈشۈپ كېتەتتى، ئاغرىقلارنى داۋالاشنى بىر خىل تىجارەت دەپ قارايتتى.
پۇل مۇئامىلە (بانكىدا).
جىلىل بوۋاي قىستىلىپ، مىڭ تەسلىكتە ئاران ئۈستەل ئالدىغا يېقىن بارالىدى ۋە بانكىنىڭ تىجارەت خادىمىگە 110 يۈەن پۇلنى شۇ پېتىچىلا تۇتقۇزۇپ قويدى.