UyghurMain Dictionary
تىجانى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى تىجانىيەنى قۇرغان ئادەم. ئالجىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەين مەدىدە دۇنياغا كەلگەن. قاھىرە، مەككە ۋە فىستا دىنىي ئىلىم ئوقۇدى. ئىلگىرى - كېيىن قادىرىيە، تەيبىيەلەرگە قاتنىشىپ، خەلۋەتىيە تارمىقىنىڭ باشلىقى بولدى. 1782 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، مۇستەقىل پىرقە قۇردى. پىرقە ئەزالىرى بىر - بىرىنى ئەھباب دەپ ئاتايدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ باشقا پىرقىلەرگە قاتنىشىشقا يول قويۇلمىدى. دىنىي قائىدىلەرنى ئۆزگەرتتى ھەمدە ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 1798 - يىلى فىسقا كېلىپ ھۆكۈمرانلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. تىجانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرى <تەلىمات توپلىمى> قىلىپ رەتلىنىپ، پىرقىنىڭ كىتابى قىلىندى.