UyghurMain Dictionary
تىجانىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زاماندىكى تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلى بولۇپ، بۇ پىرقىنى مەغرىبنىڭ تەسەۋۋۇپچى مەشھۇر ئۆلىماسى ئەبۇ ئابباس ئەھمەد تىجانى (1733 - 1815) ماراكەشتىكى فىستا قۇرغان. تىجانى ئالجىرىيىدىكى جەمىئەل قەرەۋىيىننى پۈتتۈرۈپ، ئىسلام ئەھكاملىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. 1763 - يىلى ھەج تاۋاب قىلىپ يانغىچە مىسىردا تۇرۇپ قالغان. بۇ جەرياندا تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ خەلۋەتىيە پىرقىسىگە قاتناشقان. 1781 - يىلى تىجانىيە پىرقىسىنى قۇرغان. نۇرغۇن مۇرىدلەر ئۇنىڭغا قول بەرگەن. تىجانى مۇرىدلارنى <ئەھباب> دەپ ئاتىغان. پىرقە ئەزالىرى كېيىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. تىجانى ۋاپات بولغاندا بۇ پىرقە مۇستەھكەملەنگەن ھەمدە مەغرىبتە خېلى يۇقىرى ئىناۋەت تاپقان. تىجانىنىڭ شاگىرتى چوڭ ئەھمەد بىلەن كىچىك ئەھمەد پىرقىغە شەيخ بولغان مەزگىلدە باش ئورگاننى تىجاننىڭ يۇرتى ئەين مەھدىگە كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئالجىرىيە ئەمىرى ئابدۇل قادىر 6183 - يىلى تىجانىيە بىلەن بىرلىشىپ، ارانسىيە مۇستەملىكچىلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولىدۇ. لېكىن، كېلىشىم ھاسىل قىلالمايدۇ، تىجانىيە شىمالىي ئافرىقىدىكى كۈچ دائىرىسىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى تىجانىيىگە قاتناشقان سېنېگاللىق ھاجى ئۆمەر بۇ پىرقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا تارقىلىشىدا غايەت چوڭ رول ئوينىدى. كىشىلەر ئۇنى ئافرىقىنىڭ <خەلىپىسى> قىلىپ سايلىدى. ئۇ جىھاد ئارقىلىق شەرقتە تىمبۇكتۇدىن تارتىپ غەربتە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قىرغىقىغىچە بولغان زېمىندا ئىسلام ئىمپېرىيىسى قۇرۇپ، تىجانى پىرقىسىنى دۆلەت دىنى قىلدى. كېيىن فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتلىدى. تىجانىيە پىرقىسى دىلنى پاك تۇتۇپ، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن، قادرىيە پىرقىسىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى قوللىمىدى. زۆرۈر تېپىلغاندا <قىلىچ> قا تايىنىپ بۇتپەرەسلەرنى تۇيۇق يولىدىن ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شەرىئەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قائىدىلەرنى ئاددىيلاشتۇردى، چاكىنا مۇراسىملارنى قوللانمىدى. ئادەملىرىنىڭ باشقا پىرقىلەرگە قاتنىشىشنى چەكلىدى. ئەھبابلار مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغاندىن باشقا، تىجانىنىڭ قەبرىگاھىغا بېرىپ ئۇ يەرنى تاۋاپ قىلدى. بۇ پىرقە يېقىنقى زاماندىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئافرىقىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. ھازىر بۇ پىرقە ماراكەش، ئالجىرىيە، مولىتانىيە، سېنېگال، گۋىنىيە، مالى، نېگىرىيە، سۇدان قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت، ئەرەب يېرىم ئارىلىغىمۇ تارقالغان.