UyghurMain Dictionary
تەبۈك غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 163 - يىلى سۈرىيىنىڭ چېگرىسىنى بويسۇندۇرغان ئۇرۇش. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىلى مەككىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن، سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىشنى ئويۇشتۇردى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەزرىتى ئوسمان 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى قوراللاندۇرۇشقا يەتكۈدەك نەچچە مىڭ تۆگە، 10 مىڭ تىللا ئىئانە قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنى سۈرىيىنىڭ چېگرىدىكى شەھىرى تەبۈكقا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. شۇڭا بۇ ئۇرۇش تەبۈك غازىتى دەپ ئاتالدى. كېيىن ئەسكەرلەر ئۇرۇشتىن بىزار بولغاچقا، ئالغا ئىلگىرىلەش توختىتىلدى. بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات چاغدىكى ئاخىرقى غازات بولۇپ قالدى.