UyghurMain Dictionary
تەبەسسۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىيقىدا كۈلۈش:
ئول پەرىزادىمم ماڭا باقىپ تەبەسسۇم ئەيلەدى،
ئىلتىفات ئەتتى قۇلىغە، ئەي رەقىبلەر سىز ئۆلۈڭ!
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈلۈمسىرىمەك، جىلۋە بىلەن كۈلمەك، كۈلمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شادلىق مىمىكىسى، خۇشاللىق ئاۋازى.
«تەبەسسۇم» ئۈن چىقارماي، مىيىقىدا كۆرۈلىدۇ.
كۈلكە ئەقىل خۇشلۇقى، تەبەسسۇم يۈرەك خۇشلۇقى. كۈلكىنىڭ ئاخىرى يىغا. ئورۇنسىز كۈلكە ئۇرۇش تۇغدۇرار. تەپەسسۇم - روھىي ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى. كۈلكە ۋە تەبەسسۇم بىزنى پۈتكۈل ئىنسانىي ئالىيجانابلىققا ئېلىپ كىرىدىغان ئىشىكتۈر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈلۈمسىرىگەن ھالەت؛ كۈلۈمسىرەش.
تەبەسسۇم قىلماق.