UyghurMain Dictionary
تەبىئىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنچىكلەپ، ئۇجۇر - بۇجۇرىنى قالدۇرماي.
ئىشقا تەپسىلىي پىلان كېرەك. مۇپەسسەل بايان بولسا، ھەممە ئايان بولار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئىش - ھەرىكەتنىڭ مۇقەررەت، شۈبھىسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئەلۋەتتە، ئۆگىنىۋېرىمەن. ساختىپەزلىك، دەرۋەقە، يارىمايدۇ، لېكىن ھەممىلا يەردە تۈز كۆڭۈل بولىۋېرىشكىمۇ بولمايدۇ. تەبئىي، بىز مەقسەتكە يېتىمىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان. تەبىئىي پاختا، تەبىئىي گۈزەللىك، تۇغما قابىلىيەت
سۈنئىي، ياسالما
كىشى ياسىغان. سۈنئىي پاختا، سۈنئىي گۈزەللىك، ياسالما قىلىق
گۈزەللىك - بىرخىل تەبىئىي ھادىسە. بەزى كېسەللەر تۇغما بولىدۇ، يەنى تۇغۇلۇشتىنلا گىرىپتار بولغان كېسەل. كىشىگە سۈنئىي مۇئامىلىدىن ئارتۇق خورلۇق يوق. ياسالما قىلىق ھەرقانچە قىلسىمۇ چانىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
تەبىئەتكە، ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتكە ئائىت، تەبىئەتتە بار بولغان؛ ئەسلىدىن بار، ھەقىقىي.
تەبىئىي پەن. تەبىئىي ئورمان.
كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە خاس، ياسالما ئەمەس؛ ئەينى، چىن.
سەن ھاشىر تارتىنما، مېنىڭ ئۆيۈمدە ئۆزۈڭنى ئازادە تۇت، ئەلا تەبىئي ئولتۇرۇۋاتىدۇ، سەن نېمىشقىدۇر قورۇنۇۋاتىسەن.
مۇقەررەر، جەزمەن، شۈبھىسىز.
بۇ مەزگىلدە ئۇ باشقىلارغا زىيان سېلىپلا يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇمۇ باشقىلارنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى تەبىئىي ئىدى.