UyghurMain Dictionary
سۈي شىخېڭ
دۇنيا تارىخى
(1827 - 1898) چاۋشىيە شەرق ئىلمى تەرەپدارلىرىنىڭ دىن ئاساسچىسى. تەخەللۇسى خەييۇ، چىڭجۇلۇق. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، شەرق ئىلمىي تەرەپدارلىرىنىڭ پېشۋاسى سۈي جىيۈ بىلەن بىر جەمەت. 1186 - يىلى شەرق ئىلمىي تەرەپدارلىرىغا قاتناشقان. 1863 - يىلى ئىككىنچى ئەۋلاد دىن ئاساسچىسى بولغان. كېيىن لىنتىدا دىن پېشىۋاسىنىڭ ئەسىرى <شەرق دىنى قامۇسى>نى نەشىر قىلدۇرغان. دىنىي كۈچلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ، يۇقىرى بېسىم ئاستىدا قالغان تارقاق مۇرىتلار بىلەن ئالاقىلىشپ، دىنىي گۇرۇھ تەشكىللىگەن. 1892 - يىلى مۇرىتلارنىڭ دىنىي پېشۋانى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىگە ماقۇل بولۇپ، ئەركىن دىن تارقىتىش، خىيانەتكار ئەمەلدارلارنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۈچىنىچى قېتىم تەلەپ قويغاندا، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ <ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىش> شوئارىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1894 - يىلى چۈەن بېڭجۇن دېھقانلار ۋە شەرق ئىلمىي تەرەپدارلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، دىن ئاساسچىسى سالاھىيىتى بىلەن ئاۋاز قوشقان. 9 - ئايدا، ياپون ئارمىيىسى قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بويرۇق چىقىرىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى باشلاپ، گۇاڭجۇدا ياپون ئارمىيىسى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. 1898 - يىلى يۈەنجۇدا قولغا ئېلىنغان، شۇ يىلى 7 - ئايدا سىئولدا قەتل قىلىنغان.