UyghurMain Dictionary
سۈي جىيۇ
دۇنيا تارىخى
(1824 - 1864) چاۋشىيەن دوڭشۆداڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەخەللۇسى شۈي يۇنجەي، چىڭجۇدا تۇغۇلغان. 1860 - يىلى، تەڭرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا پۇقرالارنى ياخشى يولغا باشلاش تۇمارىنى ئاتا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يەر يۈزىدىكى تەڭرى دۆلىتىنى قۇرۇپ، شەرق ئىلمى (دوڭشۆداڭ تەرىقىتى) ئارقىلىق، غەرب ئىلمى (خرىستىئان دىنى)گە تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويغان. كۇڭزىچىلىق، بۇددا دىنى، تەرىقەتچىلىك ئەقىدىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تەڭرى يولىدا قۇربان بېرىش روھىنى قوشۇپ، <ئادەمنىڭ ئۆزى تەڭرى> دېگەندىن ئىبارەت مەركىزىي ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويغان. ئادەمنىڭ كۆڭلى - تەڭرىنىڭ كۆڭلى، ئادەمنى ھۆرمەتلىگەنلىك تەڭرىنى ھۆرمەتلىگەنلىك دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. دەرىجە سالاھىيىتىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئېزىلگۈچى كەڭ دېھقانلارنىڭ چوڭقۇر ئېتىقادىغا ئېرىشىپ، زوربىر كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەن. گاۋزوڭ <بىدئەتلىك بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرغان> دەپ، 1863 - يىلى ئۇنى قولغا ئېلىپ، ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا داچيۇدا قەتل قىلغان. ئۇنىڭ<شەرق دىنى قامۇسى> (خەنزۇچە)، <لۇڭتەندىكى مىراس> (چاۋشيەنچە) قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلار شەرق تەرىقىتىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.