UyghurMain Dictionary
سۈي نەنشەن
دۇنيا تارىخى
(1890 - 1957) چاۋشيەنلىك شائىر، تارىخشۇناس. ئىسمى گوڭليۇ، تەخەللۇسى ليۇتاڭ، يۇرتى تېيۈەن، 1904 - يىلى ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇغان، 1906 - يىلى ۋاسېدا داشۆسى جۇغراپىيە - تارىخ فاكولتىتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1907 - يىلى چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇشتىن چېكىنىش ۋەقەسىدە ئوقۇشتىن چېكىنگەن. ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ نەشرىياتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1909 - يىلى <ئۆسمۈرلەر> ژورنىلىنى تەسىس قىلغان. 1910 - يىلى چاۋشىيەن نۇر جەمئىيىتى تەسىس قىلىپ، قەدىمكى ھۆججەتلەرنى ساقلاش، نەشىر قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1919 - يىلى 1 - مارت ھەرىكىتى مەزگىلىدە، <مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>نى يېزىپ، ئىككى يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1920 - يىلى مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى تۈرمىدىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلگەن. 1922 - يىلى شەرق نۇرى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، <شەرق نۇرى> ھەپتىلىك ژورنىلىنى نەشىر قىلغان ھەمدە چاۋشيەن تارىخىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغان. 1939 - يىلدىن كېيىن، كانتون ئارمىيىسىنىڭ تەكىىپىگە ئاساسەن قورچاق مانجورىيە ۋەتەن قۇرۇش داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1943 -يىلى چاۋشيەن ياشلىرىنى ياپونىيە ئارمىيىسىگە بېرىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، نۇتۇق ساياھىتىگە قاتناشقان. چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، <مىللەتكە قارشى ھەرىكەتنى جازالاش قانۇنى> بويىچە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن. <ئۆسمۈرلەرگەدېڭىزدىن سالام> قاتارلىق شېئىرلىرى بار.