UyghurMain Dictionary
ستانلېي
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1904). مۇستەملىكىچى، ئېكىسپىدىتسىيىچى. ئەسلى ئىسمى روۋلاندس. ئەنگىلىيەنىڭ ۋالىس رايونىدا تۇغۇلغان. بالىلىق ۋاقتىنى غېرىبخانىدا ئۆتكۈزگەن. 1859 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، 1862 - 1895 - يىللاردا ئامېرىكا تەۋەلىكىدە بولغان. ئامېرىكىنىڭ شىمال - جەنۇب ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1869 - يىلى <نيو - يورك پېشىۋالار گېزىتى> نىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا، ئافرىقىنىڭ تانگانىكا رايونىغا بېرىپ، يوقىلىپكەتكەن لىۋىنگىستوننى ئىزدىگەن ۋە 1871 - يىلى ئۇجىجى كەنتىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن داڭقى چىققان. 1874 - 1877 - يىللاردا دارىسسالامنىڭ شىمالىدىكى باگامويودىن ئىچكىرلەپ كىرىپ، ۋىكتورىيە كۆلىنى ئايلىنىپ تانگانىكا كۆلىگە بارغان، لۇئالابا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كونگو دەرياسىنى بويلاپ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا يەتكەن. 1878 - 1884 - يۇقىرقى كونگو تەتقىقات كومىتېتى (كېيىن كونگو خەلقئارا جەمئىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپ ھەمدە بېلگىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ نىڭ گۇماشتىسى بولۇپ، كونگو دەرياسىنى بويلاپ ئوتتۇرا ئافرىقىغا ئىچكىرلەپ كىرگەن، يول بويى سودا پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، پرىستانلارنى ياساپ، مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلغان، زورلۇق كۈچ ۋە سېتىۋېلىش ۋاستىسى ئارقىلىق، يەرلىك قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن 400 دىن ئارتۇق شەرتنامە تۈزۈپ، كونگو دەرياسىنىڭ ۋادىسىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ،بېلگىيىنىڭ كونگو (ل) (ھازىرقى زايىر)دىكىمۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن ئاساسسالغان. 1887 - 1889 - يىللىرى ئۇگانداغا كىرىپ، شەرقىي ئافرىقىدىكى يەرلىك قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن بىرقاتار شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ، ئەنگىليەنىڭ شەرقىي ئافرىقا شىركىتى ئۈچۈن ھەرخىل ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى <مەن لىۋىنگىستوننى قانداق تاپتىم>، <كونگو ۋە ئۇنىڭ ئەركىن شتاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.