UyghurMain Dictionary
ست بارتولومې پاجىئەسى
دۇنيا تارىخى
ست.بارتولومې كېچىسى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان.فرانسىيە خۇگۇئېنو ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ خۇگۇئېنو مۇرىتلىرىغا قاشى قوزغىغان چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسى. 1572 - يىلى 8 - ئايدا، خۇگۇئېنچىلارنىڭ كاتتا شەخسلىرى پارىژغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشلىقى ھېنرى (تاۋارې) بىلەن فرانسىيە كورۇلى چارلىس Ⅸ نىڭ سىڭلىسى مارگېرىت (1553 - 1615) نىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان. 24 - كۈنى ( بۇ كۈن ست. بارتولۇمى بايرىمى ئىدى) تاڭ سەھەردە، ۋالىدە كاتېرىنا مېدىچ بىلەن كاتولىك گورۇھىنىڭ باشلىقى ھېنرى گىس تۇيۇسىز ھۇجۇم قوزغاپ، خۇگۇئېنو مۇرىتلىرىدىن 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇگۇئېنچىلارنىڭ رەھبرى كولېنىمۇ ئۆلتۈرگەن. ھېنرى (تاۋارې) دىنىنى ئۆزگەرتىپ، كاتولىك دىنىغا كىرىشكە ماقۇل بولغانلىقتىن، بەختكە يارىشا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. سىرتقى ئۆلكىلەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن.