UyghurMain Dictionary
ستالىنگراد ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. 1942 - يىلى گىتلىر ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى فرونت ئېچىشنى ئارقىغا سوزغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1 مىليون 500 مىڭ كىشلىك ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، يازلىق ھۇجۇمنى قوزغىغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ستالىنگرادنى ئىشغال قىلىپ، ۋولگا دەرياسىدىكى قاتناشنى ئۈزۈپ تاشلاش، كاپكاز نېفىتلىكىنى تارتىۋېلىش، ئاندىن كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ موسكۋانى ئورىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلشتىن ئىبارەت. 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى گېرمان ئارمىيسى ستالىنگرادقا قىستاپ كېلىپ، سوۋېت ئارمىيسى دۈشمەن ئارمىيسى بىلەن كىلىتىسكايا ۋە سولوۋېنكىنو قاتارلىق مۇھىم تۈگۈنلەردە تۇنجى قېتىملىق ئېلىشىشنى ئېلىپ بارغان. 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيسى شەھەر ئىچىگە ئۈسۈپ كىرگەن، ئىككى تەرەپ كۇچا ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان.ستالىن <ئارقىغا بىرقەدەممۇ چىكىنمەسلىك> چاقىرىقىنى چىقارغان، ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان قىزىل ئارمىيە ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقى قانلىق جەڭ قىلىپ، مۇداپىئە ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۈشمەننىڭ 182 مىڭ ئادىمىنى يوقىتىپ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتكەن. 11 - ئاينىڭ 19، 20 - كۈنلىرى سوۋېت ئارمىيسى شىمال ۋە جەنۇب ئىككى قاناتتىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 23 - كۈنى كىرىچتا ئۇچرىشىپ پاۋلۇس (1890 - 1957) قوماندانلىقىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن 330 مىڭ كىشىنى قورشىۋالغان. ئىككىنچى يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۇلارنى ئۈزۈل- كېسىل يوقاتقان. بۇ قېتىملىق جەڭ سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.