UyghurMain Dictionary
ستاتىستىكا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك مىقدار ئۆزگىرىشلىرى ھەم ئۇلارنى ھېسابلاش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى پەن.
ئىجتىمائىي ھايات ۋە خەلق ئىگىلىكى تارماقلىرىدىكى مىقدار ئۆزگىرىشلىرى يۈزىسىدىن، شۇ پەن مېتودى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي ھېسابات ياكى مەلۇم ھادىسىلەرگە ئالاقىدار بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، رەتلەش، ھېسابلاش ھەم ئۇلار ئۈستىدە تەھلىك يۈرگۈزۈش.
بىر قاتار پەنلەردە قوللىنىلىدىغان مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى، مېتودلىرى.