UyghurMain Dictionary
شې ۋېنشەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1634 - 1710) چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. شەنشىلىك. مۇسۇلمانلار بېقىۋالغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا كىرگەن. <ھەسەن بىننى ئابدۇ ۋەھھاب> دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويغان. لەقىمى <پوناجى> بولغان. چاڭ زىمېينىڭ شاگىرتى. ئىسلام ئىلمىنى ۋە جۇڭگودىكى دىن تارىخىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ. جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىدا قوللىنىۋاتقان مۇراسىملار 18 خىلى قۇرئان ۋە ھەدىسكە ماس كەلمەيدۇ. ئۇلارنى تۈزىتىش كېرەك، دەپ قارىدى. كاڭشىنىڭ 18 - يىلى (1679) <مۇنەببەھات> نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدى. بۇنىڭدا ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان سۆزلەر كۆپ بولۇپ، ئېغىر تەرجىمە قىلىنغان، چۈشىنىش تەس. بۇنىڭدىن باشقا، <مىرسا دۇن>، <لەمئان> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. ئالەمدىن ئۆتكەندە خېنەننىڭ راڭچىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. <شې ھەزرەت> دەپ ھۆرمەتلەندى.