UyghurMain Dictionary
شېۋە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئادەت، رەۋىش، يوسۇن:
ھۈنەر:
ناز، ئەركىلەش، شوخلۇق:
1. بۇ شېۋە بىلە سەن يۈرۈسەڭ ھەر چامەن ئىچرە،
ھۆ يۈرۈمەگەي ئالتىنە رىزۋان ھەمەنىندە.
سەككاكى.
2. چۈن ھاكىمى كامىلى ھىندۇ نەجاد،
پىلبالىغ شېۋەسىدە ئۇستاد.
نەۋايى.
3. شوخ جەۋلان جىلۋە كافىر شېۋەسى سەييادلىق،
سەرۋى قەد، سيمىن زەقەن ھەم ئارەزى ئوتلۇككىنە.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەدەبىي تىلدىن ئۆز خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەرلىك تىل. «شېۋە» تېخىمۇ كىچىكرەك دائىرىدە بولىدۇ، دىئالېكت يەنە شېۋىلەرگە بۆلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مەركىزىي دىئالېكت، خوتەن دىئالېكتى، لوپنۇر دىئالېكتلىرىغا بۆلىنىدۇ. كەلپىن شېۋىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئالاھىدە شېۋە ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تىلشۇناسلىق
بىر مىللەتنىڭ ئورتاق تىلىنىڭ مەلۇم دائىرىگە، رايونغا خاس تارمىقى. ئادەتتە دىئالېكتتىن كىچىك بولىدۇ. دىئالېكتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەلۇم بىر رايون ياكى مەھەللىۋى تىلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.