UyghurMain Dictionary
شمازۇ خىسامىتسۇ
دۇنيا تارىخى
(1817 - 1887)ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقنڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆتكەن ساتسۇما ۋاسساللىقىنىڭ بېگىشمازۇ نارىئوكىنىڭ ئوغلى، شمازۇ نارىياكىرانىڭ ئانا باشقا ئىنىسى. نارىئوكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئاكىسى نارىياكرا بىلەن ئاتىسىنىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تالاشقان. ئوتتۇرانچى ئاقساقال ئابېئى ماساھىرو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئارىلىشىشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان. نارىياكىرا ئۆلگەندىن كېيىن، خىسامىتسۇنىڭ چوڭ ئوغلى مۇكۇ (تارايوشى)ئەمەلگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 1862 - يىلى ۋاسسال ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كيوتوغا كىرىپ، تېرادا ئوكۇ ۋەقەسىنى پىلانلاپ، پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىنى باستۇرغان ھەمدە ئوخاراشىگېتوكۇنى ئەۋەتىپ، شوگناتنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان. 1863 - يىلى 18 - ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، تېننو تاكائاكىنىڭ بويرۇقى بىلەن يەنە بىر قېتىم كىيوتوغا كىرىپ، ئىچىخاشى يۇشىنوبۇ، ماتسۇدائىدا ئىسنوبۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئوردا ۋە شوگون ھۆكۈمىتى ئىشلىرىغا قاتناشقان. كىنمون ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ئوردا بىلەن شوگناتنى بىرلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق ئەربابقا ئايلانغان. پادىشاھ ھاكىمىيىتى تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىستېپا بېرىپ كاگوشما ئارىلىغا كەتكەن. 1874 - يىلى يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ سول قول ۋەزىر بولغان.1876 - يىلى مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.