UyghurMain Dictionary
شلېمان
دۇنيا تارىخى
(1822 - 1890)، گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ، مىتسېنې مەدەنىيىتىنى تاپقۇچى. سودىگەر. پوپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. گومېر داستانىنىڭ چىنلىقىغا ئىشىنىپ، ترويا خارابىسىنى تېپىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن. 1864 - 1865 - يىللاردا ھىندىستان، جۇڭگو، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا ساياھەت قىلغان. 1866 - يىلىدىن باشلاپ قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1870 - يىلى كىچىك ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھىسسارلىك دۆڭلۈكىنى سىناق تەرىقىسىدە قېزىپ تەكشۈرگەن، 1871 - 1882 - يىللاردا ئۈچ قېتىم قېزىپ، ئۇنىڭ قەدىمكى ترويا شەھىرى ئىكەنلىكىنى تاپقان ۋە كۆپ مىقداردا ئالتۇن نىقاب، ئالتۇن زىبۇ زىننەت بويۇملىرى، مىس قىلىچ - خەنجەرلەر، پىل چىشى ئويمىلىرى، ساپال قاچىلار قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ئىگە بولغان. ئۇ ترويادا تاپقان قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنىگېرمانىيىگە تەقدىم قىلىپ، بېرلىن شەھرىنىڭ پەخرىي ئاھالىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، گرېتسىيىدىكى مىتسېنى (1876 - يىلى)، ئورخومېنوس (1880 - يىلى)، تىرىنىس (1884 - 1885 - يىلى) قاتارلىق قەدىمكى زامان خارابىلرىنى تېپىپ، بىرقەدەر زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ <مىتسېنې>، <ترويا>، <تىرىنىس> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.