UyghurMain Dictionary
شمالكالدېن ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ بىلەن شمالكالدېن ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. 1546 - يىلى چارلېس Ⅴ ئىسپانىيە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئىتالىيە ئارقىلىق گېرمانىيىگە كىرىپ، شمالكالدېن ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، بولۇپمۇ ساكسونىيە كىنەزى مورېسنىڭ ئاسىيىلىق قىلىپ ئۆز سېپىگە قارشى چىققانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنى بىر - بىرلەپ مەغلۇپ قىلغان؛ ئالدى بىلەن جەنۇبىي گېرمانىيەنىڭ پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكلىرى ۋە شەھەرلىرىنى بويسۇندۇرغان، ئارقىدىن ۋېتتىنبېرگنى تەسلىم قىلىپ، ئاخىرى ھېسسېننى باش ئەگدۈرگەن. 1548 - يىلى، كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن پروتېستانت دىنى مۇخلىسلىرى <ئاۋگۇسبۇرگ كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، كاتولىك دىنىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى بەھرىمان بولۇپ كەلگەن ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكەر بىر قىسىم كاتولىك دىنىدىكى كىنەزلىكلەر بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅱ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 1552 - يىلى چارلېس Ⅴ نى مەغلۇپ قىلغان (بەزىدە ئىككىنچى قېتىملىق شمالكالدېن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 1555 - يىلى چارلېس Ⅴ نائىلاج پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكلەر بىلەن <ئاۋگۇسبورگ دىنىي ئەھدىنامىسى>نى تۈزگەن.