UyghurMain Dictionary
شىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەرسىلەرنىڭ سىرتى ياكى تېنىنى ئوراپ تۇرغان تېرە، پوست قاتارلىق نەرسىلەرنى تارتىپ سويۇپ ئالماق.
ئۇ جادۇگەرنىڭ بىر قارا تۇلپار ئېتى بار، شۇنى ئېلىپ كەلسەڭ قىزىمنى ساڭا بېرىمەن، بولمىسا تېرەڭنى شىلىمەن.
كۆچمە. ئالدامچىلىق ياكى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋالماق، ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق، قان - تەرىنى شورىماق.
شىلغانىدى بىر چاغ گومىنداڭ، ئەلنى شۇنداق سېلىقلار سېلىپ، تىرىلدى شۇ سېلىقلار يەنە، كەلدىمۇ يا گومىنداڭ يېنىپ؟