UyghurMain Dictionary
شىللىق پەردە
بىئولوگىيە
<مۇكوزا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تېنىدىكى ھەزىم قىلىش، نەپەسلىنىش، سۈيدۈك چىقىرىش، كۆپىيىش قاتارلىق ئورگانلارنىڭ نەيچە - قانال بوشلۇقلىرىنىڭ ئىچكى دىۋارىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت تۈزۈلۈش بولۇپ، ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى ۋە شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. جايلاشقان ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، ئۈچەي - ئاشقازان شىللىق پەردىسى، بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، كاناي شىللىق پەردىسى، دوۋساق شىللىق پەردىسى، بالىياتقۇ شىللىق پەردىسى (ئادەتتە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىمۇ دېيىلىدۇ)، ۋاگىنا شىللىق پەردىسى، كۆز قاپىقى شىللىق پەردىسى قاتارلىقلار. ئادەتتە شىللىق پەردىلەردىكى بەزلەر ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلار سىلىقلىقنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاناتومىيە
ئېغىز بوشلۇقى، كاناي، ئاشقازان، ئۈچەي، سۈيدۈك يولى قاتارلىق ئەزالار ئىچىدە بولىدىغان بىر قەۋەت نېپىز پەردە. ئىچىدە قان تومۇر ۋە نېرۋىلار بولۇپ شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.