UyghurMain Dictionary
شازىلىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سوپى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، بۇنى 13- ئەسىردە ئەششازىلى (1196 - 1258) تۇنستا قۇرغان. ئەششازىلى ماراكەشنىڭ شىمالىدىكى شۇدانىڭ يېنىدىكى گۇمارا كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىن مىسىرغا بېرىپ، ئەبۇ فاس ۋەشىت (؟ - 1234) نى ئۇستاز تۇتۇپ، رىفائىيە ئەقىدىلىرىنى ئوقۇغان. كېيىن ماراكەشكە يېنىپ كېلىپ، ماديان پىرقىسىنى قۇرغۇچى ئەبۇ ماديان (؟ - 1197) نىڭ شاگىرتى ئابدۇسالام (؟ - 1228) نى ئۇستاز تۇتقان. كېيىن ماراكەشتىن تۇنسىنىڭ شازلا كەنتى يېنىدىكى تاغنىڭ غارىدا ئىستىقامەت قىلىپ، شازىلىيە پىرقىسىنى ۋە ماديان پىرقىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ئەششازىلى سىستېمىلىق ئەسەر قالدۇرمىغان. ۋە ئېيتىش ۋە دەرس ئۆتۈش داۋامىدا دىنىي قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاندالۇتسىيەدىكى ئەبۇ ئابباس ئەھمەد مۇرسى (1219 - 1287) بىلەن تاجىددىن ئىبنى ئاتاۋۇللا ئابباس (؟ - 1309) ئۇنىڭ تەلىماتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تارقاتتى. 19 -ئەسىردە شازىلىيە پىرقىسى ئەل مەئسۇم (1820 - 1883) نىڭ رەھبەرلىكىدە ئالجىرىيىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئەششازىلنىڭ سۆزلىرى توپلام قىلىپ چىقىرىلىپ، بۇ پىرقىنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىندى. بۇ پىرقە ئەقىدە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن دىنىي پەرزلەرگە ئەمەل قىلدى. ئاللاغا ئىخلاس قىلىشنى ۋە ئىشىنىشنى، ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشنى تەكىتلىدى. ئىخلاسمەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئەزالىرىنىڭ دىن سىرتىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، باياشاتلىقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويدى. يەھۇدىي دىنى خرىستىئان دىنىدىكىلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ پىرقىنىڭ 13 تارمىقى بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي ئافرىقا، سۈرىيە، ئەرەب يېرىم ئارىلى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە رۇمىنىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.