UyghurMain Dictionary
شازىلى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇھەسەن ئەلى شازىلى، 1197 - 1258) ئىسلام دىنىدىكى شازىلىيەنى قۇرغان ئادەم. ماراكەشنىڭ شىمالىدىكى شۇدادا دۇنياغا كەلگەن، ئابدۇسالامىدىن مەسىس (؟ - 2813) نى ئۇستاز تۇتتى. تۇنىسنىڭ شازىلا مەھەللىسىدىكى غاردا ئىستىقامەت قىلىپ داڭق چىقاردى. كېيىن ئەنئەنىچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، مىسىرغا كۆچۈپ بېرىپ، ئىسكەندەرىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلەرگە ئىگە بولدى. بىر قېتىملىق ھەج سەپىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. شازىلى ئاشكارا ياكى مەخپىي سورۇنلاردا ئاللادىن قورقۇش لازىم، سۆز - ھەرىكەتتە ھەدىسكە ئەمەل قىلىش لازىم، ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىتتا ئىنسانغا سەل قاراش لازىم، چوڭ ياكى كىچىك ئىشلاردا ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش لازىم، خۇشاللانغان ياكى قايغۇرغاندا ئاللاغا ئىشىنىش لازىم، دېگەن بەش نەسىھەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. <دېڭىزدىكى تىلاۋەت> ۋە بىر نەچچە مەكتۇبى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ كەلدى. ئۇ دىنىي ئىزدىنىش بىلەن جاھاندارچىلىق كەسپىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، ئەھلى رىيازەتكە قارشى تۇردى. دىنىي پىرقە روھىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋە جاھاندارچىلىق ئىشلىرىدا ئىپادىلەشنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ تەلىماتىنى شاگىرتلىرىدىن ئەبۇ ئابباس مۈرسى (؟ - 1287) ۋە تاجىددىن ئىبنى ئاتا (؟ - 1309) قاتارلىق كىشىلەر يېزىپ باشقىلارغا قالدۇردى.