UyghurMain Dictionary
شاش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆندۈرۈلمىگەن شوخ ئات.
«شاي» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاشاڭغا مىنگۈچە، شاشتىن يىقىل. توسۇن ئاتنى تويدا مىنمە. ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆندۈرۈلمىگەن (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
كۆنۈك، ياۋاش ، قاشاڭ
كۆندۈرۈلگەن، تېخى يەنە تېز يۈرمەيدىغان (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
ئۆكۈز بىلەن شاش توشقانغا يېتىمەن دېمە. ياۋاش ئاتقا مىنىپ يېقۇلغۇچە، شاش ئاتقا مىنىپ يېقىل. توسۇن ئاتقا قاۋۇل ھارۋىكەش لازىم. ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر. شاش ئات يىگىتنى گۆرگە تىقىپ توختايدۇ. كۆنۈك ئاتنىڭ كۈنى تەس. ئاغزى يۇمشاق موزاي شاش كالىنى ئېمىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئالدىراپ كەتمەك، غەزەپلەنمەك، ئالاقزادە بولماق، ھودۇقماق، ساراسىمىگە چۈشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تولۇق كۆندۈرۈلمىگەن؛ ئاسانلىقچە تۇتقىلى، باشقۇرغىلى بولمايدىغان.
شاش ئات.
ئاغزى يۇمشاق موزاي شاش كالىنىمۇ ئېمەلەيدۇ (ماقال).
كۆچمە. شوخ.
سۈرىتىڭنى مۇنچە سىزغان قايسى بىر نەققاش ئىكەن؟ ئۆزلىرىڭدىن كۆزلىرىڭ كەپسىز ئىكەن - بەك شاش ئىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئالدىرىپ كەتمەك، كۆنمەسلىك، بويۇن ئەگمەسلىك، توسۇن، شاش.