UyghurMain Dictionary
سەفھە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەغەز، ۋاراق، سەھىپە، بەت:
جامال، يۈز، چېھرە:
كىتاب، يېزىق، سۆز:
چۇ سۆز داستانىغە چەكتى رەقەم،
خىرەد سەفھەسىگە چۈشۈردى قەلەم.
ئا. نىزارى.
2. سەفھە يۈزى دەرد جىلۋەگاھى،
مىستەر خەتى ھەجر شاھراھى.
نەۋايى.
3. قىلاي سۆز، بۇ سۆزۈم پايانغە يەتسۇن،
پۈتۈلسە سەفھەگە ھەريانغە كەتسۇن.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەھىپە، ۋاراق، بەت. كۆچمە مەنىسى: كىتاب.