UyghurMain Dictionary
سەفەۋىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىراندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ تەسەۋۋۇپ ئېقىمىغا مەنسۇپ پىرقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى ئىلىكخان خانلىقى دەۋرى (1256 - 1353) دە سەفىيۇددىن (1252 - 1334) ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاردىبىلىدا قۇرغان، ئەسلىي سۈننىي مەزھىپىدىكى پىرقە بولۇپ، يەرلىك تۈركىمەنلەرنى ئاساس قىلغان. كېيىن ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىرانغا، ئىراققا، تۈركىيىدىكى ئاناتولوگىيە ۋە سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا كېڭىيىپ، ئىلىكخاننىڭ قوللىشىغا ۋە قوغدىشىغا ئېرىشكەن. تۆتىنچى ئەۋلاد مۇتىۋەللى جۇنەيد (؟ - 1460) 1447 - يىلى مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ پىرقە ئەتراپىدىكى خرىستىئان دىنىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنى قورال كۈچى بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، ئاردىبىلدا ھاكىمىيەت قۇردى، بۇ تۈركمەن ئاق قۇيۇنلۇي سۇلالىسى (1378 - 1508) نىڭ بېقىندى دۆلىتى بولۇپ، بۇ پىرقە ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلگە ئايلاندۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پىرقىنىڭ باشلىقى جۇنەيد <ئاللانىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى> دەپ تەرىپلەندى. ئەقىدە جەھەتتە، شىئە مەزھىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. جۇنەيد 1460 - يىلى كافكازلىقلار بىلەن قىلغان <جىھاد> تا قازا قىلدى. ئۇنىڭ ئوغلى ھەيدەر (؟ - 1488) ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىن ئاق قۇيۇنلۇ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلغاندا قازا قىلدى. ھەيدەر ھايات ۋاقتىدا پىرقىنى ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇپ، ئادەملىرىگە 12 قىرلىق بۆك كەيدۈرۈپ، شىئە مەزھىپىدىكڭى ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ سىمۋولى قىلدى. شۇڭا <قىزىل بۆكلۈكلەر> دەپ ئاتالدى. ئەقىدە جەھەتتە شىئە مەزھىپىگە تېخىمۇ مايىل بولدى. ئاق قۇيۇنلۇ سۇلالىسى ھەيدەرنىڭ ئىككىنچى ئوغلىنى سۈرگۈن قىلغانىدى. ئاق قۇيۇنلۇ سۇلالىسى يېمىرىلگەندە ئاردىبىلغا قېچىپ كەلدى. چوڭ ئوغلى ئەلى 1494- يىلى ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. كىچىك ئوغلى ئىسمائىل ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، سەفەۋىيە سۇلالىسى (1502 - 1524) نى قۇردى. ھاكىمىيەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سەفەۋىيەنىڭ پادىشاھلىرى سوپىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، پىرقىنىڭ پېشىۋاسى سەفىيۇددىننى شىئە مەزھىپىدىكى يەتتىنچى ئىمام مۇسا كازىم (؟ - 1799) نىڭ ئەۋلادى دەپ، پادىشاھ ئىسمائىلنى <غايىب> ئىمامنىڭ ۋەكىلى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئىراننىڭ دۆلەت دىنى قىلدى.