UyghurMain Dictionary
سەفەۋىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1502 - 1736)پرسىيە (بۈگۈنكى ئىران) دىكى ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى شاھ ئىسمائىل (1502 - يىلىدىن 1524 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قۇردى. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى بولغان سەفەۋىلەر تۈركىي تىلىدىكى قوۋم بولۇپ، كېيىن ئەتتەرىقەتى سۇفىيە بولۇپ ئۇيۇشتى. شىئە مەزھىپىگە ھېسداشلىق قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا قارا قويۇنلۇ سۇلالىسى، ئاق قويۇنلۇ سۇلالىسىنى يېڭىپ كۈنسايىن كۈچىيىپ، ئاخىر ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، تەبرىزنى پايتەخت قىلدى. سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، پادىشاھ (شاھ دەپ ئاتالدى) ئىسمائىل ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئەقىدىسىگە ھۆرمەت قىلدى. غەربىي ئاسىيادىن ئۆلىمالارنى تەكلىپ، ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى قولغا ئالدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە قوشنا دۆلەت - ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن پات - پات ئۇرۇشۇپ تۇردى. خانلىقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، پايتەختنى ئىسفاھانغا يۆتكىدى. 1666 - يىلىدىن كېيىن خانلىق كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلىدى. ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن ۋالى 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرى پادىشاھ بولۇۋېلىپ، پرسىيىنىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى تارتىۋالدى. سۇلالە يوقالدى.