UyghurMain Dictionary
ساتۇرنىن
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ -100) قەدىمكى رىم تېرىبون. مارىئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى. مىلادىدىن 103 يىل ئىلگىرى ۋە مىلادىدىن 100 يىل ئىلگىرى ئىككى قېتىم ترىبون بولۇپ، يەر قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان، ناربوننېدىكى گاللىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدا كۆچمەنلەر رايونى قورۇشنى، مارىئۇنىڭ كونائەسكەرلىرىنىڭ ھەربىرىگە <جامائەت يېرى> دىن 100 يۇگدىن بېرىشنى تەلەپ قىلغان (ھەر يۇگ تەخمىنەن چارەك گېكتارغا تەڭ كېلىدۇ)؛شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاشلىق قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، نامرات پۇقرالارغا ئەرزان باھالىق ئۇزۇقلۇق ئاشلىق تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئاددىي خەلقمۇ پۇقرالىق ھوقۇقى يوقلارغا <جامائەت يېرى> نى بۆلۈپ بېرىشكە ئۇنىمىغان (مارىئۇنىڭ كونا ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى ئىتالىيانلار <ئىتتىپاقداشلار> نىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى يوق ئىدى). دەسلەپ بۇنى مارىئۇ قوللىغان. قانۇن ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىجرا قىلىش تەس ئىدى. مىلادىدىن 100 يىلى ئىلگىرى كېيىنكى قېتىملىق خەلقنى قوغدىغۇچى ئەمەلدارلارنى سايلىغاندا، سىناتچىلار بىلەن ساتۇرنىنچىلار قوراللىق تۇتۇشۇپ قالغان. ھالقىلىق پەيتتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەمەلدار مارىئو قوللىماي قويغان. ساتۇرنىن ئۆلگەندىن كېيىن، يەر قانۇنى بىكار قىلىنغان.