UyghurMain Dictionary
ساتما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوغۇن - تاۋۇزلۇقق قاراش، ئۇلارنى سېتىش ئۈچۈن سېلىنغان ئاددىي ئۆي.
«سەتكە» كۇچا شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قىزنىڭ ياخشىسى گاداينىڭ كەپىسىدىن تېپىلار. باراڭغا چۈشكەن خام قاپاقنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ھالى بار. ئالچۇقنىڭ ئاستى تۆشۈك. ساتمىدا قىلغان سۆزنى سارايدا قىلغىلى بولماس.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
كەپە، ئالچۇق ياكى باراڭ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساتما.
كېچىسى باغنى ئۈچۈن دەرەخنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان قاراۋۇللۇق ساتمىسى.
1 - 564
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوغۇن ۋە باشقا زىرائەتلەرنى ساقلاش ياكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قىلىش ئۈچۈن دەرەخ شاخلىرى، قومۇش قاتارلىقلاردىن ياسالغان ۋاقىتلىق ئۆي، كولبا.
ساتما قۇرۇپ ئۆي قىلدۇق، بۇ ئۆيلەردە توي قىلدۇق، مەرىكەمدە ئۈچ توينى بىر قېتىمدا توي قىلدۇق.