UyghurMain Dictionary
ساتو ئېساكۇ
دۇنيا تارىخى
(1910 - 1975) ياپونىيە باش ۋەزىرى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى (1964 - 1972)، ياماگوچى ناھىيىسىدىن. كىشنوبۇسۇكې (1896 - ) نىڭ ئىنىسى. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكولتېتىنى تۈگەتكەن. ئۇزاق ۋاقىت تۆمۈر يول ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1946 - يىلى تۆمۈر يول باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1947 - يىلى ترانسپورت ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1948 - يىلى يوشىداشىگېرو مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغان 1949 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا 11 قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بوللۇپ سايلانغان. ھۈرىيەتچىلەر پارتىيسىى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدە كۆپ قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى قوشۇمچە ئىلىكتىر خەۋەرلىشىش ۋەزىرى (1951 - 1952)، قۇرۇلۇش ۋەزىرى (1952 - 1953)، مالىيە ۋەزىرى (1958 - 1960)، سودا - سانائەت ۋەزىرى (1961 - 1962) بولۇپ ئىشلىگەن. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە ئاۋۋال يىرىك سانائەت بىلەن خىمىيە سانائىتىنى <يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇش> تىن ئىبارەت ئىگىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە <ياپونىيە - چاۋشيەن ئاساسىي شەرتنامىسى> نىڭ مۇددىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتقان، ئامېرىكىغا يېقىنلىشىپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشتا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن.