Chinese→UyghurMain Dictionary
日美安全条约
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى <ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى>، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1951 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىمزالانغان. 1952 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامە جەمئىي بەش ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ئامېرىكا - ياپونىيە دۆلىتى ئىچىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنى تۇرغۇزۇشقا ھوقۇقلۇق بولۇش؛ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى باستۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇش؛ ئامېرىكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ياپونىيە ھەرقانداق بازىنى ھەرقانداق ئۈچىنچى دۆلەتكە بەرمەسلىك؛ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشىدىكى شەرتلەرنى ياپونىيە - ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرىي كېلىشىم ئارقىلىق بەلگىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ياپونىيە - ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1958 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، ياپونىيە - ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى <ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى> گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 1960 - يىلى 1 - ئايدا <ياپونىيە - ئامېرىكا يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. <ياپونىيە - ئامېرىكا ئورتاق ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى> غا قارالسۇن.