Chinese→UyghurMain Dictionary
日耳曼人
ئۇنىۋېرسال
rì ěr màn rén
گېرمان؛ گېرمانىيىلىك
دۇنيا تارىخى
گېرمانلار
قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋرۇپانىڭ كەڭ رايونلىرىنى ئىگىلىگەن قەبىلە. ئۇلار ئۆزىنى نېمىسلار دەپ ئاتىغان، قەدىمكى رىملىقلار تەرىپىدىن گېرمانلار دەپ ئاتالغان. ئاساسەن، رېين دەرياسىنىڭ شەرقىي، ۋىسلا دەرياسىنىڭ غەربى، دۇناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا تارقالغان؛ غەربىي قوشنىسى كېلتلار (گاللىلار) شەرقىي قوشنىسى سلاۋىيانلار ئىدى. تىلى ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. كۆچمەن ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، ئۇزاققىچە ئىپتىدائىي جامائەت تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن، رىملىقلار بىلەن تۇنجى قېتىملىق مۇھىم ئۇچرىشىشى، تارىختا يېزىلىشىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سىمبرىلار بىلەن تېۇتون (گېرمان مىللىتىگە كىرىدۇ) لارنىڭ رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ، ئاخىر مارىئۇس تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كائېسار گاللىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، شەرقتە رېين دەرياسىدىن ئۈتۈپ، گېرمانىيىگە بېسىپ كىرگەن. شۇ چاغدا گېرمانلاردا يەر تېخىچىلا ئۇرۇق ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، بايلىقنى كۆپىنچە چارۋا بىلەن ھېسابلايدىكەن ھەمدە باي - كەمبەغەللىك ئېنىق پەرقلەنمەيدىكەن. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان تاستۇس دەۋرىدە گېرمانلار (ھېچ بولمىغاندا بىر قسىمى) بارا - بارا كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا ئۆتكەن. يەر تەقىسماتىدا تەڭسىزلىك مەيدانغا كېلىپ، ئاز سانلىق ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ يەرنى ئىگىلىۋالغان. ھەربىي ئاقساقاللار (<پادىشاھ>) ۋە ئۇلارنىڭ ياساۋۇللىرى ئۇرۇش قىلىشنى كەسىپ قىلىپ، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى چەك تارتىشىپ تەقسىم قىلغا، ئاقساقاللارنىڭ ياساۋۇللارنىڭكىدىن ھەردائىم كۆپ بولغان. گېرمانلار ئۇرۇشنى <شان - شەرەپلىك> ئىش دەپ ھېسابلاپ، <قان ئاققۇزۇپ مال - مۈلۈككە ئىگە بولاتتىكى، تەر ئاققۇزۇپ ئىگە بولمايتتى> (تاستۇسنىڭ سۆزى). ئۇرۇقداشلىق قەبىلىلىرىدە ئۇرۇق ئاقساقاللىرىدىن تەركىب تاپقان مۇھاكىمە يىغىنى ھەمدە زور ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئاۋام قۇرۇلتىيى بولغان. كېيىنكىسىنى <پادىشاھ> باشقۇرۇپ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ۋارقىراش ياكى قىلىچ - نەيزىلەرنى پۇلاڭلىتىش ئارقىلىق قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرسە، ئاغرىنىش ياكى ئەپسۇسلىنىش ئاۋازى ئارقىلىق قارشى تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مەزگىلدە، گېرمانلاردا قۇل ئىشلىتىش باشلانغان، يەنى ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى قۇللۇق تۈزۈمى مەۋجۇت وبلغان. قۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسىرلەردىن كەلگەن. كىشىلەر قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىش ۋە جازانىخورلۇقنى بىلمىگەن. ئومۇمەن، ئۇلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مىلتارىستلار دېموكراتىيىسى تۈزۈمى باسقۇچىدا تۇراتتى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بوھرانغا پېتىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، گېرمانلار شىمالدىكى دۇناي دەرياسى ۋادىسىدىن ئۈزلۈكسىز چېگرىغا بېسىپ كىرىپ ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى (مىلادى Ⅲ ئەسىرىن Ⅴ ئەسىرگىچە) دە، رېين دەرياسىنىڭ شەرقىغە تارقالغان گېرمان مىللەتلىرى، ئاساسلىقى، فرانكلار، ئالېمانلار، لومباردلار، ئانگلولار، ساكسونلار، سۇئېۋېلار ۋانداللار ۋە دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ھەمدە قارا دېڭىزنبىڭ شىمالىي قىرغىقىغا كۆچۈپ كەلگەن گوتلار ئىدى. كۆپلىگەن گېرمانلار رىم قوشۇنىدا ئوفىتسىر ۋە ئەسكەر بولغان، بەزىلىرى رىم قورۇقلىرىدا مەدىكار بولغان، <ۋارۋارلار> نىڭ كۆچۈشى ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى جەريانىدا گېرمانلار مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇلار شۇنداقلا غەربىي رىمنىڭ بۇرۇنقى جايلىرىدا ھەرقايسى <ۋارۋارلار> پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تۇرغۇزۇپ چىققان. <مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى> گە قارالسۇن.