Chinese→UyghurMain Dictionary
日美共同合作和安全条约
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە - ئامېرىكا ئورتاق ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى
ئومۇمىي نامى <ياپونىيە - ئامېرىكا يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى>. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ <ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1960 - يىل 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئىمزالىنىپ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامە جەمئىي ئون ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ئامېرىكا ياپونىيىدە قوشۇن تۇرغۇزۇش ۋە ھەربىي بازىلاردىن پايدىلىنىشقا داۋاملىق ھوقۇقلۇق بولۇش؛ ئامېرىكا - ياپونىيە دۆلەتلىرى <ئۈنۈملۈك ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش> ئارقىلىق <ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئاشۇرۇش>؛ ياپونىيە زېمىنىدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ھەرقانداق بىر تەرەپ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ھەر ئىككى تەرەپ <ھەرىكەت قوللىنىپ، ئورتاق كرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش>؛ شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئون يىل بولۇشتىن ئىبارەت. شەرتنامىنىڭ ۋاقتى توشقاندا، 1970 - يىل 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ساتوئېساكۇ كابىنېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىپ، بۇ شەرتنامىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىغان.