UyghurMain Dictionary
قىيا چىيا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەرتىپسىز قاتتىق ئاۋازلار، ۋارقىراشلار.
ھويلىدا قىيا - چىيا كۆتۈرۈلدى. بالىلار سىنىپتىن قىي - چۇ قىلىشىپ چىقتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ۋاراڭ - چۇرۇڭ، تاراق - تۇرۇق بولغان ھالەت.
جىمجىت، تىپتېنچ، تىمتاس
ۋاراڭ - چۇرۇڭ، تاراق - تۇرۇق بولمىغان ھالەت.
كەڭ ئېقىن جىمجىت ئاقار، تەربىيە كۆرگەن كىشى كەمتەر بولار. تىپتىنچ دېڭىز ماھىر دېڭىزچىنى يارىتالمايدۇ. تىمتاس تۇرغاندىن ئۈمىد كۈتمە. قىيا - چىيا - جەڭگى - جېدەلنىڭ بەلگىسى. شاۋقۇن - سۈرەن كۆتۈرۈلدى - جىمجىتلىق بۇزۇلدى. تىپتىنچ ياتقان يولۋاسقا چېقىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەس، قاتتىق توۋلىغان، قالايمىقان ۋارقىرىغان ئاۋازلار، ۋاراڭ - چۇرۇڭ.
نېمە ئۈچۈندۇر بۇ ئۆيلەردىن قىيا - چىيا ۋارقىراشقان ئاۋازلار ئاڭلانمىدى.