UyghurMain Dictionary
قىياپەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.
<جوسۇن> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن، ئىسكەتنى مىڭ كىشىدىن. تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ سىنى كەتمەس. بېخىل خۇش بولسىمۇ، سىياقى ئۆزگەرمەس. قىياپىتى ئادەم، قىلىقى ھايۋان. جوسۇنى زەپ كېلىشكەن سىكىلەك ئىكەنا. فىگۇرا چىقىرىپ ئويناش ئۇستىسى ھەممىنى ھەيران قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سىرتقى كۆرۈنۈش، تۈس.
زوق بىلەن يايراپ، سېنى قىلدىم زىيارەت قاغىلىق، گۈللىنىپ، ئاپسەن يېڭىچە بىر قىياپەت قاغىلىق.
يۈز، چىراي؛ سىياق، كۆرۈنۈش.
ئۆڭۈپ، يىرتىلىپ كەتكەن كىيىم - كېچەكلىرى ئۇنىڭ ھازىرقى قىياپىتىنى تېخىمۇ سەت كۆرسىتەتتى.
سۈپەت ۋە سۈپەتداشلاردىن كېيىن ئورۇن كېلىشتە كېلىپ <ئەھۋال، ھالەت، تەرىز> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
- يۈرسىلە بېگىم بىلەن بىللە بارايلى، - دېدى موللا زەيدىن جىددىي قىياپەتتە.