UyghurMain Dictionary
قىياس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوخشتىشى، سېلىشتۇرۇش؛ مۆلچەر، تەخمىن، پەرەز:
داغى تاھا ۋۇ ياسىن دۇر سىفاتى،
قىياس ئەت بۇ سىفەتدىن پاك زاتى.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوخشاتماق. تەڭلەشتۈرۈپ قارىماق، سېلىشتۇرماق. بولجىماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت توغرىسىدا ئالدىنئالا قىلىنغان تەخمىنىي مۇلاھىزە.
مىڭ پەرەزدىن بىر پاكىت ئەلا. «قىياس» تىن بىر نەچچىسى چىقسا، شەھەرنى بوتۇلكىغا تىققىلى بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ بىلەم جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى يوشۇرۇشقا ھەرگىز ئۇزۇنماسلىق لازىم. ئىنتايىن يۈرەكلىك بىلەن قىياس ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق يوشۇرۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ. مىڭ خىل مۆلچەر بىر پاكىتقا تەڭ كەلمەيدۇ. مولجال بەزىدە دەل چىقىدۇ. چامامدا بۇ ئىش ئەتە پۈتەر. تەخمىن تەختىنى غۇلىتىدۇ، ئۆزىگە ھېچگەپ كەلمەيدۇ. ئوناق ئوناققا كەلمىدى، ئارقىدىكى يەر قوناققا كەلمىدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <سېلىشتۇرۇش> دېگەنلىك بولۇپ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يەكۈنگە ئىگە بولۇشنىڭ بىر خىل قانۇنىي تېخنىكىلىق ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام فىقھەسىدىكى تۆت چوڭ مەنبەنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپ ئەھلى راي فەقىھلەر قوللانغاندا مۇھەددىسلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. كېيىن قوبۇل قىلىندى. دەسلەپكى مەزگىلدە قىياس ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ مەيلىچە بولۇپ، كۆپىنچە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى ۋە فەقىھلەرنىڭ شەخسىي پىكرى ئالدىنقى شەرت قىلىندى. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىمام شافىئىي قىياستا ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشنىڭ قاتتىق ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇسۇل ئىختىيارلىققا ئىگە دەپ قارالغان پىكىر ھۆكۈمىنىڭ تەدرىجىي ئورنىنى ئالدى. ئۇنىڭ ئاساسىي تەلىپى شۇكى: قۇرئاندىن، ھەدىستىن ئەمەل قىلىدىغان سۆز چىقمىغاندا، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ سۆزىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزنى ياكى ئىجمائنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئەسلىي مەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يەكۈننى چىقىرىش؛ ئومۇمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇنقى ھۆكۈم مىساللىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش، ئالاھىدە مىسال ۋە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋاسىتىلىق ھۆكۈملەرنى ئاساس قىلماسلىق؛ ئەگەر ئەھمىيىتى يېقىن كېلىدىغان ھۆكۈم ئۈلگىسى بولسا، ئەھمىيىتى ئەڭ يېقىن بولغىنىنى ئاساس قىلىش، لېكىن ئوخشىمىغان ئالدىنقى شەرت ۋە يەكۈننىڭ بولۇشىغا يول قويۇش لازىم. مۇشۇنداق ئىگە بولغان قانۇن بىلىمى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارالغانلىقتىن، قۇرئان ۋە ھەدىسنى بىۋاسىتە مەنبە قىلغان ھۆكۈمدىن قالسىلا قىياس ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ ئۇسۇلنى قۇرئانغا، ھەدىسكە، فىقھەگە پىششىق ئاز ساندىكى ئالىملار چۈشىنەلەيدۇ ۋە تەتبىق قىلالايدۇ. قىياسنىڭ يەكۈنى ئىجمائ ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئومۇمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئىسلام مۇدېرنىزمى ۋە ئەنئەنىچىلىكى ئۇنى دەسلەپكى چاغلاردا بىر مەھەل ئەۋج ئالغان <ئىجتىھاد> (مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىش) بولۇپ، فىقھەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، دەپ شەرھلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ئالدىن بىلىنگەن ئەھۋالغا ئاساسەن مەلۇم بولمىغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش؛ مۆلچەر، پەرەز.
ئۇكىلىرىممۇ، بۇ كىشىمۇ مېنىڭ بۇ قىياسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاشتى.
سۈپ. ئوخشاش، تەڭ.
گۈل سۈپىتى ئادەتتە، تەقىلىد ئەڭ ئېسىل تۈرگە، يارىڭ گۈلگە ئوخشايدۇ، ياشلىقمۇ قىياس گۈلگە.
ئى <ئەد> كۆز ئالدىدا بولمىغان شەيئىلەرگە نىسبەتەن، ئويلاپ چىقىرىلغان تەسىرات، تەسەۋۋۇر.
قىياس قىلماق.