UyghurMain Dictionary
پېشىنى تۇتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاناھ قىلماق، ياردىمىگە يۆلەنمەك.
سەن مېنى پىر تۇت، پېشىمگە ئېسىل، مەن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن. ئەمدى قىسمەن چورۇقنىڭ پېشىگە ئېسىلغىنىم ئېسىلغان.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىر كىمنىڭ ياردىمىگە تايانماق، يۆلەنمەك، ئەگەشمەك، ئىزىدىن ماڭماق: - بىزنىڭ تىرىكلىكىمىزدە بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇت دەۋاتىمىز، - دېدى ئاغچىخان قىزىغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىر كىمنىڭ ياردىمىگە تايانماق، يۆلەنمەك، ئەگەشمەك، ئىزىدىن ماڭماق.
مەن شۇ كادىرلارنىڭ پېشىنى تۇتقىنىمچە قويۇپ بەرمىدىم ئۇلار ماڭا تۇغۇلۇپ مېھرىگە قانمىغان ئانام ۋە مېنىڭدىن ئۈمىدلىرىنىڭ شولىسىنىمۇ كۆرەلمىگەن دادامنىڭ يوقلۇقىنى بىلىندۈرمىدى.
ئۆگەنمەك، يولىغا كىرگۈزمەك، بېرىلمەك.
بۇ دۇنيادا ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە بىرەر ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتۇش.
ئىگە بولماق، ئېرىشمەك.
- ئەسسالام جالالىدىنجان، ئەتە - ئۆگۈن بىرەر ئەمەلنىڭ پېشىنى تۇتسىڭىز قىيا كۆزىڭىز بىلەن باقمايدىكەنسىز - دە!؟