UyghurMain Dictionary
پېشىگە ئېسىلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاناھ قىلماق، ياردىمىگە يۆلەنمەك.
سەن مېنى پىر تۇت، پېشىمگە ئېسىل، مەن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن. ئەمدى قىسمەن چورۇقنىڭ پېشىگە ئېسىلغىنىم ئېسىلغان.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىرەرىنىڭ داۋاملىق ياردىمىگە، غەمخۇرلۇقىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرمەك، ئۇنى چىڭ تۇتماق: - ئادىل ئاكا، ئەمدى مەن سىزنىڭ پېشىڭىزگە چىڭ ئېسىلدىم، سىز مېنىڭ ھەقىقىي ئۇستازىم، ماڭا كۆپ ئۆگىتىڭ، كۆپ ياردەم قىلىڭ، - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىرەرسىنىڭ داۋاملىق ياردىمىگە، غەمخورلۇقىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرمەك، ئۇنى چىڭ تۇتماق.
ئادىل ئاكا، ئەمدى مەن سىزنىڭ پېشىڭىزگە چىڭ ئېسىلدىم، سىز مېنىڭ ھەقىقىي ئۇستازىم، ماڭا كۆپ ئۆگىتىڭ، كۆپ ياردەم قىلىڭ.